سۇبات ناخشا-مۇزىكا

سۇبات ناخشا-مۇزىكا

چوڭلىقى : 21.21 MB نەشىرى : 3.0.7
تىلى : ئۇيغۇرچە تۈرى : قويغۇچ ۋە رەسىم,ناخمۇزىكا
2018- يىلى 02- ئاينىڭ 03- كۈنى 254327 قېتىم چۈشۈرلدى

سۇبات ناخشا-مۇزىكا ئەپ دېتالى 3.0.7 نەشىرى ئېلان قىلىندى

يانفوندا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ

  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا
  • سۇبات ناخشا-مۇزىكا

تەپسىلاتى :

سۇبات تور-تېخنىكا شىركىتى رايۇنىمىز تور-تېخنىكا ساھەسىدە ئۈزلىكسىز تىرشىپ، يېڭىلىقلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. سۇبات ئۈندىدار سالونى ئ‍ۆزىنىڭ نادىر ،يېڭى ۋە پاكىز مەزمۇنلىرى بىلەن رايۇنىمىز سالون مەدەنىيتىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كەلمەكتە. بۈگۈن شۇ يېڭىلىقلاردىن سۇبات ناخشا-مۇزىكا ئەپ دېتالى يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى.

يېڭى نەشىرگە قوشۇلغان ئىقتىدارلار :

1. ناخشا، ئاۋازلىق ئەسەر چۈشۈرۈش.
ھازىرغۇچە رايۇنىمىزدا نۇرغۇن ناخشا قويۇش دېتاللىرى ياسالدى، بىراق كۆپۈنچە دېتاللارنىڭ ئۆمرى يېرىم يىلغا بارمىدى. سەۋەبى ھەر خىل.
سۇبات ئەپ دېتالىدا(ئالما، ئاندرويىد) ناخشىلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى چۈشۈرۋېلىپ تورسىز شارائىتتىمۇ بىمالال ئاڭلىغىنى بولىدۇ.

2.ئاۋازلىق ناخشا ئىزدەش.
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنىڭ كەڭ قوللىنىلىشى ھەممىمىزگە قۇلايلىقلانى ئېلىپ كەلمەكتە. سۇبات ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرىگە ئاۋازلىق ناخشا ئىزدەش ئىقتىدارى سەپلەنگەن. ناخشا ياكى ناخشىچىنىڭ ئىسمىنى ئاۋازلىق دەپ بەرسىڭىزلا تاپالايسىز.

3.چاستوتا قۇرۇش.
ئارىمىزدا ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەشكە قىزىقىدىغانلار خېلى كۆپ، سۇبات ئەپ دېتالىدا بۇ ئارزۇيىڭىز رىئالىققا ئايلانغۇسى، ئەپ دېتالنىڭ ئۆزىدىلا ئۈنگە ئېلىش، مۇزىكا قوشۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز.
ئۈنگە ئالغان ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى باھاسىنى ئ‍ۆزىڭىز بەلگىلەپ، سۇبات ئەپ دېتالىدا بازارغا سالالايسىز.
كومپىيوتىردا ئىشلەنگەن ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى بازارغا سېلىش تور ئادرېسى : music.subat.cn
يەنە تېخى ئۈندىداردىكى پاراڭ خاتىرسى ۋە لىكسىيەلەرنىمۇ ئۈنگە ئېلىۋالالايسىز.


4.تىزىملىك قۇرۇش.
سۇبات ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرىدە ئۆزىمىز ياقتۇرغان ناخشىلارنى ئۆزىمىز خاس تىزىملىك قۇرۇپ ساقلىۋالالغىنى، چۈشۈرۋالغىنى ھەمدە باشقىلارغا ھەمبەھىرلەپ بەرگىنى بولىدۇ.
يېڭى ئىجادىيەت قىلغان ناخشىچىلار ناخشىلىرغا باھا بەلگىلەپ ، سۇبات ئەپ دېتالىدا بازارلاشتۇرسا بولىدۇ.
ناخشا يوللاش تور ئادرېسى : music.subat.cn

5.خاس تەۋسىيە.
سۇبات ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرىدە سىزنىڭ ناخشا ئاڭلاش خاراكتىرىڭىزغا ئاساسەن سىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان ناخشىلارنى باش بەتتە تەۋسىيە قىلىپ بىرىدۇ.

6.ئۈندىدار بىلەن باغلانغان.
سۇبات ئەپ دېتالىنى ئۈندىدارىڭىزغا باغلىۋالسىڭىز ھەقلىق تەمىنلەنگەن ناخشا ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئۈندىداردا پۇل تۆلەپ سېتىۋالالايسىز.
رادىئ‍و چاستوتىسى قۇرۇپ ياكى ناخشا ئارقىلىق تاپقان پۇلىڭىزنى ئۈندىدارغا يۆتكىۋالايسىز.

7.شەرەپ تاختىسى.
سۇبات ئەپ دېتالى يېڭى نەشىردە ئەپتىكى ناخشىلار قويۇلۇش قېتىم سانىغا ئاساسەن دەرجىگە تىزىپ چىقىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەپتىلىك ، ئايلىق ئاۋات ناخشىلار تەرتىپ بويىچە شەرەپ تاختىسىدا كۆرۈنىدۇ.

8.قوش تىللىق.
سۇبات ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قوش تىللىق قىلىپ ياسالغان. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە مەزمۇنلارنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئاڭلىيالايسىز.

بۇ نەشىردىن يېڭىلىقلار :

بىر قىسىم يانفۇنلاردا چۈشۈرگەن ناخشىنى قويغىنى بولماسلىق قاتارلىق خاتالىقى تۈزۈتىلدى.

تورداشلار ئىنكاسلىرى (175)

  • yigana 2 كۈن ئىلگىرى

    قانداق ئەپ بۇ چۈشمەيدىغۇ

  • ئۆمەرجان 2 كۈن ئىلگىرى

    بەك ئاستا چۈشۈۋاتىدۇ

  • مھرگۈل 4 كۈن ئىلگىرى

    چۈشمەيۋاتدۇ

  • ئايگۇزەل 4 كۈن ئىلگىرى

    بالىلار ماڭ بىر ياردەم قىلىپ قۇيۇڭ لاچۇ مەن ناخشا كىسىدىغان
    ئەپ بولسا يولاپ بىرىڭ لاچۇ رەھمەت

  • ئالىمجان 1 ھەپتە ئىلگىرى

    چۈشمەيدۇ دەپ كىم دەيدۇ ؟ بالىلار ئەمدى چۈشتىغۇ.

  • ئەركىن 1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەكلا چۈشۈرگۈم بار ئىدى، بىراق پەقەتلا چۈشۈرەلمىدىم. نىمىشقا چۈشمەيدۇ؟

  • ئەركىن 1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن پەقەتلا چۈشۈرەلمىدىم

  • 000000000000 2 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇمكىن بولسا ئەزا بولمىسىمۇ چۈشۈرۈش ئىختىدار بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى مۇمكىن بولسا شۇنداق قىلغان بولساڭلا بەك مىننەتدار بولغان بولاتتۇق مەنلا ئەمەس ھەممەيلەن

  • 111111111111 2 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ قانداق بولغىنىدۇ چۈشۈرسەم چۈشكىلى ئۇنىمىدى دىسە نەچچە سىناپ باقتىم بولمىسا ئاچچىقىم تازا كەلدى ئەبلەخ ئەپ

  • ئۇماق سەلىيمە 2 ھەپتە ئىلگىرى

    چۈشمىدىيا بۇ سالۇن

  • ئۇماق سەلىيمە 2 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇبات سالۇننى چۈشۈرمەن

  • پەرھات 2 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك تەس چۈشىدىكەن

  • ئىلنۇر 2 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن پەقەت چۈشۈرەممىىمدىمغۇ

  • رىزۋانگۇل 2 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇبات،ئەپ دېتالىنى چۈشۈرگەن ئىدىم بىراق قېتۋالدى

  • سادەتگۈل 2 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن چۈشەلىدىم

  • ئابدىخەۋەر 3 ھەپتە ئىلگىرى

    ھاي ماڭقالىڭە ماڭا چۇشمەتيا بۇئەپ قالاڭ

  • رۇزمەمەت 3 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ياخشىكەن

  • بۇخەلچەم 3 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇمبات ئەپ دىتالنى چۈشۈرگەن ئدىم لىكىن قاچىلانمايۋاتىدۇ ……،

  • اسانبەك 3 ھەپتە ئىلگىرى

    تۉشۉرەالبادىم

  • بۈمەريەم 4 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ سالۇننى قېتىۋالسام بولاتتى

  • 00000000000 1 ئاي ئىلگىرى

    سۇباتتا ماددا ناخشا ئىزدىسەم ، ۋاڭيىغا ئوخشاش ناخشىنى تاپقىلى بولمايدىكەن. ھە ئۇنىڭدا بار ناخشىلار يوق ئىكەن.ئەزا بولمىسىمۇ ناخشا چۈشۈرگىلى بولسا ياخشى بولاتتى.

  • 0000000000 1 ئاي ئىلگىرى

    ۋاڭي mp3ئەزا بولمىسىمۇ ناخشا چۈشۈرگىلى بولاتتى بۇ شۇجەھەتتە ياخشى ئەمەسكەن ياكى ئالاھىدە ئەزالىق يولغا قۇيۇلسا قانداق

  • بۇنىساخان 1 ئاي ئىلگىرى

    مەن چۇشىرەلمىدىم

  • ئادېل 1 ئاي ئىلگىرى

    قېتېۋېلپ چۈشۈرەلمىدىم

  • رەيھان 1 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇ ئەپنى چۈشرەلمىدىمغۇ؟ ھەي…

  • nihan 1 ئاي ئىلگىرى

    بەك ئاستا چۈشىدىكەن

  • مەمەت ئىمىن 1 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇ ئەپنى چۈشۈرەلمىدىم.

  • مەتۇرزى 1 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى ئەپكەن بۇ

  • تۇرسۇنمەمەت 1 ئاي ئىلگىرى

    ناخشا چۈشمەيدىكەن

  • غۇلامجان 2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى ئەپكەن بۇ

يوللاش مەزمۇنلانى تولۇق تولدۇرۇڭ